جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىشى زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن كالىفورنىيەدىكى پائالىيىتى جەريانىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئاشكارا ھالدا «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە مۈشكۈلاتتا قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جوۋ بايدېننىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ يولغا چىققاننىڭ ئەتىسى ئېيتىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ھالنى «بەكمۇ بىمەنىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئاتىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «بۇ سىياسىي جەھەتتە ئوچۇق-ئاشكارا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.

«NBC خەۋەرلىرى» نىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل سۆزلەرگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. باش ئەلچى شې فېڭ ئاقسارايغا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مۇخبىرلارنىڭ «سىزنىڭچە شى جىنپىڭنى دىكتاتور، دەپ ئاتىغانلىقىڭىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا «ئۇنداق بولمايدۇ. ھېچقانداق يامان ئاقىۋەتمۇ پەيدا قىلمايدۇ. مەن شى جىنپىڭ بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە كۆرۈشىمەن» دېگەن.

CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىشتىن كېيىنرەك ئۇلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق پرېزىدېنت باراك ئوباما بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن. ئۇ ،ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىدە قانداق ئورۇندا قانداق سۆز ئىشلىتىشى ھەققىدە توختىلىپ؛ «ئۇيغۇرلارنى ئالساق ھازىر ئۇلار غايەت زور ساندا لاگېرلارغا قامىلىپ، ‹قايتا تەربىيەلەش› كە مەھكۇم قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بىر چوڭ مەسىلە، شۇنداقلا ھەممىمىز ئۈچۈن بىر چوڭ خىرىس» دېگەن.