بايىنغولىن ئوبلاستى «قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» نامىدا 162 كىشىنى جازالىغان

2019-04-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوزغىغان «قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا شىددەتلىك داۋام قىلماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 15‏-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان بايىنغولىن ئوبلاستىدا 17 دېلوغا چېتىشلىق 162 كىشى قولغا ئېلىنىپ، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاتتىق جازالانغان. ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 12‏-ئاپرېل كۈنى ئاچقان ئوچۇق سوتنىڭ ئۆزىدىلا 5 دېلوغا چېتىشلىق 81 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. لېكىن خەۋەردە، تۇتقۇنلارغا كونكرېت قانداق جازا بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە بازارنى مونوپول قىلىۋېلىش، باشقىلارنى سودىغا مەجبۇرلاشتەك ئىجتىمائىي قىلمىش سادىر قىلغان كىشىلەردىن باشقا يەنە خەلق ئىچىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتا سالاچىلىق قىلغان، دىنىي تەسىر ۋە جامائەت كۈچىدىن پايدىلانغان، ئاساسى قاتلام ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان، دەپ ئەيىبلەنگەن كىشىلەرمۇ بار ئىكەن. بۇ ھەرىكەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نىشانلىق ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر رايونىدا سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلانغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەتتە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئىدارە-جەمئىيەت، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي رايونلاردىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلار، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي خاسلىقى كۈچلۈك كەسپىي خادىملار ۋە ئاھالىلەر باستۇرۇلۇش نىشانىغا ئايلانغان. بايىنغولىن بۇ ھەرىكەتنى ئەڭ ئاكتىپ ئىجرا قىلغان ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر رايونىدىكى باشقا ۋىلايەت ‏-ئوبلاستلاردىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇلماقتىكەن. يېقىندا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە سوت ئېچىلىپ، بۇ ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنغان 13 نەپەر قازاق ياشقا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. مەمۇربېك ئىسىملىك بىر ياش قازاق تىجارەتچى «قارا كۈچلەر» نىڭ يېتەكچىسى، دەپ ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىق كېسىلگەن. يەرلىك قازاق پۇقرالىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەمۇربېك بۇ ناھىيەدىكى ئاتاقلىق تىجارەتچى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى مەزكۇر ناھىيەدىكى 10 مەشھۇر ياشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانىكەن.

خىتاينىڭ «قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» نامىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت