ب ب س تېلىۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كەسكىن مۇنازىرە قىلىندى

ئەنگىليەنىڭ ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقى 21-يانۋار كۈنىدىكى بىر پروگراممىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى خرىستىئانلار ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى توغرىسىدا مەخسۇس توختالدى.

پروگراممىغا ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر يۈز كەررە يۈز ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، ياش پائالىيەتچى قۇززات ئالتاي ۋە ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى بوب فۇ ئەپەندىلەر تەكلىپ قىلىنغان.

قۇززات ئالتاي سۆزىدە ئۆز دادىسى ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق مەزكۇر پروگراممىغا تېلېكامېرا ئارقىلىق بېيجىڭدىن قاتناشقان «جۇڭگو ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى» دەپ ئاتالغان ئورۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ۋېكتور گاۋ بولسا يۇقىرىقى سۆزلەرنى رەت قىلدى. ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەت ئالاھىدە، ئۇ يەردە دىنى رادىكاللىق خەۋپى بار» دېيىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قۇززات ئالتاي ۋېكتور گاۋزنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىسلامىي رادىكاللىق» ئەمەس، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم» دەپ سالام بېرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ لاگېرغا قامىغان كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىگۇناھلىقىنى بىلدۈردى ۋە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ ۋە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇرلارمۇ تېررورسىتمىدى،» دەپ سوئال قويدى.

ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بوب فۇ ئەپەندىمۇ ۋېكتور گاۋنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، خىتايدىكى مۇسۇلمان ۋە خرىستىئان قاتارلىق دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.