BBC خەۋەرلىرى: «مېنىڭ پەرزەنتلىرىم قەيەردە؟»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋاللارنى نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق سىرتقى دۇنياغا كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان BBC رادىيو شىركىتى يېقىندا رايوندىكى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە بىر ۋىدىيولۇق خەۋەر تارقاتقان.

4-ئىيۇل تارقىتىلغان مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋەرگە قارىغاندا، BBC نىڭ مۇخبىرى جون سادۋورس تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قەپ قالغان ۋە يوقاپ كەتكەن پەرزەنتلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بالىلار يەسلىسى» دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا بولغانلىقتىن يېقىن بېرىپ سۈرەتكە ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ھالبۇكى، يىراقتىن ئۇ يەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي تور سىملار بىلەن قورشالغانلىقى، ئەتراپتا پۈتۈنلەي كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىغان. قىزىق يېرى بۇ خىلدىكى «يەسلى» لەر جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان ئىكەن.

مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋەردە يەنە مۇخبىر رايوندىكى ئاتالمىش «يەسلى» لەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدىن بۇ جايلارنىڭ كۆلىمىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئوخشاش ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر قىزىق نۇقتا شۇكى، رايوندىكى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «قوغداش مەركىزى» دەپ ئاتالغان جايلاردۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق جايلاردىن ھازىرغا قەدەر يۈزدىن ئارتۇقى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردا 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى يېپىق ھالەتتە «تەربىيە» لەنمەكتىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە بىلەن بىرگە ئاتالمىش «يەسلى» لەرنىڭمۇ زور كۆلەمدە كېڭىيىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت