تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىۋىتتىر ئارقىلىق خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا ئېغىر زۇلۇم سىياسەتلىرى تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ زور نارازىلىق قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ BBC رادىيو-تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن ۋىدىيوغا قارىتا تەيۋەننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتىردىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان.

ئۇ، تىۋىتتىردىكى ئىنكاسىدا «كومپارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بالىلىرىنى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىدە ئوقۇتىدۇ. بىراق خىتاي ئۇيغۇر بالىلىرىنى يىغىۋېلىپ تەربىيەلەيدۇ. قانداق بىر ھۆكۈمەت بالىلارنى تارتىۋالىدۇ؟ خىتاي، لاگېرلارنى تاقاپ، بالىلارنى ئۆيىگە قايتۇر» دەپ يازغان.

يېقىندا يەنە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەندە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى، تەيۋەن-ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى لىن باۋخۇئا ئەپەندى ۋە خىتاي دېموكراتىيە ئىنستىتۇتى رەئىسى سېڭ جيەنيۇئەن قاتارلىقلار سۆز قىلغان.

رادىيومىزنىڭ تەيۋەندىكى بۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان يۇقىرىدىكى زاتلار بىردەك دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيەتتىن تەيۋەننىڭ ئەتىسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم تەيۋەن خەلقى ئۈچۈن ئوخشاش خەۋپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا يەنە، غەرب ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىسىدە ئەركىنلىشىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ، ئەكسىچە تېخىمۇ ھاكىممۇتلەقلەشكەنلىكى، «چوڭ خىتايچىلىق» تىن ئىبارەت ئىرقچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارشى دۇنيانىڭ چوقۇم تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىدەك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى «تەيۋەن-شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» تەييارلىق كومىتېتى بىلەن خىتاي دېموكراتىيە ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت