ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ئاۋسترىيەلىك ۋولكېر تۈركنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالى كومىسسارلىقىغا تەيىنلىگەن

ب د ت ئومۇمىىي كېڭەشى 8-سېنتەبىر كۈنى بىلەت تاشلاپ، ئاۋسترىيەلىك دىپلومات، ب د ت باش كاتىپى ئىجرائىيە ئىشخانىسىنىڭ سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋولكېر تۈركنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلىگەن. تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئاسترىيەلىك ۋولكېر تۈرك، ب د ت باش كاتىپى ئانتونى گۇتېررېس تەرىپىدىن 31-ئاۋغۇست كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان مىشېل باچېلېتنىڭ ئورنىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، ب د ت ئومۇمىي كېڭەشىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ب د ت دا خىزمەت قىلىپ كەلگەن يوقىرى دەرىجىلىك خادىم-ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسارىياتى ۋە ب د ت باش كاتىپى ئىجرائىيە ئىشخانىسىنىڭ سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋولكېر تۈرك ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ جىددىي مەسىلە، باچىلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئون نەچچە مىنۇت بۇرۇن ئېلان قىلغان ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئەمەل قىلىش ياكى قىلماسلىق بولىدىكەن.

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى «خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتىرلىك تۇتۇپ تۇرۇشى» نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنىپ، ب د ت تەكشۈرۈش مېخانىزىمى قۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنى خورلىغانلىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ، ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى دەي بىڭ 8-سېنتەبىر ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى، ۋوكېر تۈرك ئەپەندىنىڭ ئۆز خىزمىتىگە ئوبېيكتىپلىق، ئادىللىق ۋە مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق پرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا رەھبەرلىك قىلىشىنى ئ‍ۈمىد قىلىدۇ» دېگەن. ھالبۇكى، خىتاي ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى «خىتايغا قىلىنغان تۆھمەت» دەپ رەت قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى لىسا كارتى، ۋولكېر تۈركنىڭ «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مۇستەقىل، ئادىل ۋە تەۋرەنمەي ئاۋاز چىقىرىشى»، «ئالىي كومىسسارنىڭ مەيلى قانداق يەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرسە ياكى خورلاشقا ئۇچرىسا، سۆزلەش جاسارىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان.