ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 51 دۆلەت ب د ت دا خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىككە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ب د ت غا ئەزا 51 دۆلەت، 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە باشچىلىقىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان. باياناتتا، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىلەن ئىجابىي ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ غەرب ئەللىرىنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ 2018-يىلدىن كېيىن ھەر يىلى ب د ت دا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئورتاق باياناتىغا ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ ئىمزا قويۇشىدۇر.

مەزكۇر باياناتقا، «خاماس» قا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ قوراللىق تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ ئىمزا قويۇشى، ئۇنىڭغا ئالبانىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىسلام دۆلىتى ياكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى بىرەر دۆلەتنىڭ ئىمزا قويماسلىقى دىققەت قوزغىدى.

تۈركىيە بىلەن سومالى ب د ت نىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئورتاق باياناتىغا ئىمزا قويغان ئىدى. ھالبۇكى بۇ قېتىم ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويمىغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

51 دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ 3-كومىتېتىدا، يەنى «ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى» دا ئەنگلىيە ئەلچىسى جېيمىس كارىيۇكى تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. باياناتتا، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان باشقا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى» ؛ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدا، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا كۆپ قىسمى مۇسۇلمان ئاز سانلىق كىشىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىنىشى، ‹خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن› دەپ خۇلاسە چىقىرىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، «بىز خىتاينى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىلەن ئىجابىي ماسلىشىشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر باياناتقا ئىسرائىلىيە، ئۇكرائىنا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە كۆپ قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئۇلاردىن سىرت يەنە مارشال ئاراللىرى، پالاۋ، تۇۋالۇ، فىجى، نائۇرو قاتارلىق تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىمۇ ئىمزا قويغان.