ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى 16-ئاۋغۇست زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دىنىي ۋە ئېتنىك مىللەتلەر توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ب د ت نىڭ «ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا… ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت، دېگەن يەكۈننى چىقىرىش مۇۋاپىق» دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا يەنە « ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارنىڭ نۇرغۇن ھادىسىلەردە تەسىرگە ئۇچرىغۇچى توپلارنىڭ رازىلىقىسىز ئىشلىشىدەك مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئىپادىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكى» نى بايقىغانلىقى، «بەزى قۇللار ئەمگىكى ئەھۋاللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۈمكىنلىكى» تەكىتلەنگەن.
ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىنىڭ بۇ دوكلاتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرۈپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. مىشېل باچېلېت دوكلاتنى ئۇ بۇ يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشقا ۋەدە قىلغان. بىراق ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىغا ئىككى ھەپتە قالغان بولسىمۇ، بىراق دوكلات تېخىچە ئېلان قىلىنمىغانىدى.
دوكلاتتا، ئۇيغۇرلار ئېلىدە دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن پەرقلىق ئىككى خىل سىستېمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىرىنىڭ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ۋە مەركىزى تەربىيەلەش سىستېمىسى، يەنە بىرىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ، ب د ت تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە باغلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز، بۇ دوكلاتنى «ئىنتايىن مۇھىم ۋە كۈچلۈك دوكلات» دەپ باھا بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يەكۈنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە سۇنغان «زامانىۋى قۇللۇق شەكىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىق توپلار» ناملىق دوكلاتىدىن يەر ئالغان.
