ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تور ئەركىنلىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئۇ قوغدىلىشى كېرەك، دېدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يېقىندا ماقۇللىغان بىر تارىخىي قارارىدا تور ئەركىنلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تور ئەركىنلىكىگە توسۇق قويغان دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 5‏-ئىيۇل ماقۇللانغان قارارىدا بۇ ھۆكۈمنى چىقارغان. رۇسىيە بىلەن خىتاي مەزكۇر قارار لايىھەسىگە توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى توسۇپ قالالمىغان.

قارار لايىھەسىدە، تورغا چىقىشنى ئالغا سۈرۈش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن زوق ئېلىشنىڭ بىر كىشىلىك ھەق- ھوقۇق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «كىشىلەرنىڭ تورغا چىقماسلىق ھەق-ھوقۇقى بولغاندەك ئۇلارنىڭ تورغا چىقىش ھەق-ھوقۇقىمۇ قوغدىلىشى شەرت» دېيىلگەن.

د ئۇ ق مەزكۇر قارار لايىھەسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت پەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ مەزكۇر قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينى ب د ت قارارىغا ئەمەل قىلىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تور ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھازىرقى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تور ئەركىنلىكىنى داۋاملىق چەكلىسە، ئەمدى ئۇ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. رۇسىيە بىلەن خىتاي مەزكۇر لايىھەگە بەزى تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، تور ئەركىنلىكىنى ب د ت نىڭ «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ۋە «پۇقرالىق ‏- سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» غا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە قارشى چىققان.