ب د ت شىمالىي كورېيەگە يەنە بىر قاتار قاتتىق ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلدى
2016.03.02
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چارشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى يادرۇ سىنىقىغا قارشى يەنە بىر قاتار قاتتىق ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئىقتىسادىي جازا لايىھەسى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ھازىرلانغان بولۇپ، لايىھە كېڭەشتە بىردەك قوللاشقا ئېرىشكەن.
شىمالىي كورېيە بۇ يىل 6 - يانۋار بىر ۋودورود بومبىسى سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە 7 - فېۋرال يىراق مۇساپىلىك راكېتا بىلەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىپ ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
شىمالىي كورىيەگە ئىلگىرىمۇ بىر قاتار جازا تەدبىرلىرى قويۇلغان. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقىسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي جازادا سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن شىمالىي كورېيەگە كىرىپ - چىقىدىغان بارلىق ماللارنى تەكشۈرۈش، ھاۋا ئارمىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇلارنى قىسىش، قوراللىق قىسىملىرىغا ئېغىر - يېنىك تىپتىكى ھەرقانداق قوراللارنى سېتىشنى چەكلەش، شىمالىي كورېيەنىڭ ئالتۇن، تۆمۈر رودىسى ۋە تىتان قاتارلىقلارنى سېتىپ نەق پۇل توپلىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
بۇنىڭدا يەنە ئىلگىرى ئېمبارگو قويۇلغان شەخس ۋە شىركەتلەرگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرى ئىككى ھەسسە كۈچەيتىلگەندىن باشقا، ئېمبارگو قويۇلغان ماللارنى ئەتكەس قىلغان دىپلوماتلارنى قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلگەن.
بۇ قېتىمقى جازا تەدبىرلىرى ئىلگىرى شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان بۇ خىلدىكى ئېمبارگولارغا قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەلگەن خىتاينىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن.









