ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ باياناتىنى ئەيبلىدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 26-يانۋار ئۆز تور بېتىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋېتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىنى ئەيبلىدى.

خىتاي ئەلچىسى تىۋېتتېردا ئوشۋىتس (Auschwitz) لاگېرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە «تارىخنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، تارىخنى بۇرمىلىغىلى بولمايدۇ. تارىخنى ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدۇ. تارىختىكى ئۇلۇغ ھەقىقەت بىزگە شۇنى دەيدۇكى، ئىنسانىيەت ھەممىدىن غالىپ كېلىدۇ، ئادالەت ھەممىدىن غالىب كېلىدۇ، تىنچلىق ھەممىدىن غالىب كېلىدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاي ئەلچىنىڭ كېيىنكى سۆزلىرى خاتا ئەمەس، ئەمما خىتاينى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ سۆزلەرنى سۈيئىستېمال قىلغان. ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەت، ھەقىقەت ئۈستىدە سۆزلەيدىغان سالاھىيىتى يوق. ئەگەر سۆزلىسە پەقەت كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان بولىدۇ. شۇڭا بۇ باياناتتىكى نومۇسسىزلىق ۋە ساختىلىقنى ئەيبلەش كېرەك.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مۇنداق دەيدۇ: «مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، بۇ خەلقئارالىق جىنايەتچىلەر بىزنىڭ ئەركىن پىكىر سەھنىمىزدىن پايدىلىنىپ يالغانچىلىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە مەدەت بېرىۋاتىدۇ. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ سەھنىدە ھۇجۇم ۋە تۆھمەتكە ئۇچراۋاتىدۇ».

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گەرچە ئامېرىكا پۇقراسى بولسىمۇ تىۋېتتېرنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇنىڭغا تىۋېتتىردا ھۇجۇم قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن، «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىقلار ھېچقانداق چەكلەنمىگەن بولۇپ، ئۇلار ھازىرمۇ تىۋېتتېردا ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتىكەن. تىۋېتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى كىشىلەرگە ئۆچمەنلىك ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى ئىدىيەسى تارقىتىۋاتقان شۇ رەزىل كۈچلەرنى چەكلىشى كېرەك ئىكەن.