ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا «ئىشىنەرلىك» دەرجىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گۇتېررىس مۇنداق دېگەن: «بۇ زىيارەت ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار، كىشىلەر ئۇلارنى ئەيىبلىگەندەك ئىشلارنى قىلمىغانلىقىغا ئىشەنسە، ئالىي كومىسسارنىڭ ئىشىنەرلىك بىر زىيارەتتە بولۇشى خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ زىيارەتنىڭ بولۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز…. . ئەگەر زىيارەت ئەمەلگە ئاشمىسا، ئالىي كومىسسار ئۇنىڭغا بېرىلگەن ۋەزىپىگە ئۇيغۇن قارار بېرىدۇ».
گۇتېررىس بۇ سۆزلەرنى 18-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» دا يىغىن رىياسەتچىسى، باش ئەلچى ۋولفىگەڭ ئىشېنگېرنىڭ سوئالىغا قارىتا ئېيتقان. گتېررىسنىڭ بۇ سۆزلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېيتىشى دىققەت قوزغىغان. كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا رادىيومىزغا دوكلاتنىڭ ئاخىرقى شەكلى كۆزدىن كەچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانىدى.
گۇتېررىس بۇ ئاينىڭ باشلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېجىڭغا بارغاندا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. گۇتېررىسنىڭ باياناتچىسى ئۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىدىن باشېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئىشىنەرلىك» دەرىجىدە زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ 18-فېۋرال ميۇنخېندىكى يىغىندا يەنە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئېيتقانلىرىم ھەم ئاشكارا دەيدىغانلىرىم شۇ، شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇققا چوقۇم تولۇق ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. بىراق كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق ھۆرمەت قىلىپلا قالماي، سىياسەتنىڭ كىملىككە، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى لازىم».
