ب د ت نىڭ رۇسىيەلىك ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتى ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت نىڭ «تېررورلۇق ئىشلىرى مەسىلىسى» گە مەسئۇل رۇسىيەلىك مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋلادىمىر ئىۋانوۋىچ ۋورونكوفنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇش پىلانى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرىدە ئەندىشە قوزغىغان.

ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ 13‏-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ۋورونكوفنىڭ زىيارىتىنى ئۆزىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. ۋورونكوفنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىغانلىقى، ئۇنىڭغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئۇنىڭ زىيارىتى ئەمەلگە ئاشسا، «ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مەزكۇر رايوننى زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ب د ت ئەمەلدارى بولۇپ قالىدۇ» دېيىلگەن. لېكىن ئۇنىڭ زىيارىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇنىڭ زىيارىتى مەزكۇر رايوندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلەرنى تېررورلۇققا قارشى تەدبىر، دەپ ئاقلاۋاتقان خىتاينى قوللىغانلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ب د ت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىس چاربونې «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇنىڭ زىيارىتى «خىتاينىڭ بۇ ئىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى، دېگەن خاتا پىكىرىنى ئېتىراپ قىلىش خەۋپى يارىتىدۇ» دېگەن. لېكىن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېرىسنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىچ، ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ئۇنىڭ تۈپ پرىنسىپى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەئىد رائات ئەل ھۈسەيىن، «لاگېرلاردا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئەركىن ۋە توسقۇنلۇقسىز ئېلىپ بېرىلمىغان ھەرقانداق تەكشۈرۈش پايدىسىز» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ھەرقانداق زىيارەت تەكلىپىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەمراھلىقىدىكى شىنجاڭ زىيارىتى يالغانچىلىقنى تارقىتىش، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتەك مەۋجۇت رېئاللىقنى پەردازلەشلا رولىنى ئوينايدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت