«ئۇيغۇر» دېگەن سۆز ب د ت تورىنىڭ ئىزدەش موتورىدا چەكلەپ قويۇلغان
2024.09.11
خىتاينىڭ ب د ت ئاپپاراتلىرىدا تەسىر كۈچىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز ب د ت تورىنىڭ خىتايغا ئائىت بېتىدە چەكلەپ قويۇلغان. نۆۋەتتە، بۇ مەسىلە ئامېرىكانىڭ لىنكىدىن(Linkedin) ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئىنكاس قوزغىماقتا. بۇ مەسىلە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى سوفىي رىچاردسوننىڭ بايقىشى ۋە بۇنى لىنكىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ئاشكارىلانغان. رىچاردسوننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ب د ت تورىنىڭ خىتايغا ئائىت بېتىگە كىرىپ، ئۇيغۇر، دېگەن سۆزنى كىرگۈزگەن. ئەمما بۇ بەتنىڭ تور ئىزدەش ماتورى «كەچۈرىسىز، سىز ئىزدىگەن سۆزنى تاپالمىدۇق» دېگەن خەتنى چىقىرىپ بەرگەن.
ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر، دېگەن سۆز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىشى، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ قارار ماقۇللاپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن، تور دۇنياسىدىكى تېخىمۇ تونۇشلۇق ئىسىمغا ئايلانغانىدى.
نۆۋەتتە، ب د ت تورىنىڭ خىتايغا ئائىت بېتى ئۇيغۇر، دېگەن سۆزىنى نېمە ئۈچۈن چەكلەپ قويغانلىقى، بۇنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مەقسەتلىك چەكلەنگەنلىكى ياكى بۇنىڭغا تېخنىكىلىق كاشىلىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ب د ت نىڭ خىتايغا ئائىت تورىدىن ئۇيغۇر سۆزىنىڭ تېپىلماسلىقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارى ۋولكېر تۈرك، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاۋازى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرمەكتە. ۋولكېر تۈرك 9-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 57-قېتىملىق يىغىنىدا، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن دوكلات بەرگەن. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقىنى ئانچە بەك تىلغا ئالمىغانىدى. سوفىي رىچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ب د ت تورىنىڭ خىتاي بېتىدە تېپىلماسلىقى «مەلۇم جەھەتتىن ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكتە» ئىكەن.