خىتاي ۋەكىلى ب د ت دا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.15

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى يۈچېڭ 15‏-مارت كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلىغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رايوندا «ئەسەبىيلىك» ئىدىيەسىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، لاگېرلار تەدرىجىي تاقىلىدىكەن.

لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 25‏-فېۋرال باشلانغان 40‏-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق مەسىلىگە ئايلانغان. يىغىندا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ لاگېرلارنى تاقاپ، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ لاگېرلاردا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

لى يۈچېڭ جۈمە كۈنى ب د ت دا خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاشتىن ئاۋۋال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى يۈچېڭ يىغىندا، شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ «زوراۋان تېررورلۇق جىنايەتلىرى» نى باستۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر ئالغانلىقى ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى» نى يولغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەربىيەلەش پروگراممىسى ئازايتىلىدۇ ۋە تەدرىجىي ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئەگەر، كەسكىن تەدبىر ئېلىنمىغان بولسا شىنجاڭدا زوراۋان تېررورلۇق ھۇجۇمى كۈچىيىپ، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە. . . . . . . ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭىيەتتىكەن». لېكىن، يىغىندا خىتاينىڭ بايانى نورۋېگىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

نورۋېگىيە ۋەكىلى خىتاينى ب د ت نىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان. ئەمما يىغىندا پاكىستان خىتاينى قوللىغان. پاكىستان ۋەكىلى «خىتاينىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.