خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى خەلقئارادا زور دىققەت قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇششاق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئېكسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. 13-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مېشېل باچېلوتنى ئېكسكۇرسىيەگە تەكلىپ قىلدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن شۈ جەنۋەدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ تەكلىپنى جاكارلىغان ھەمدە «رەئىس مېشېل باچېلوتنى شىنجاڭدىكى مائارىپ ئارقىلىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە قانداق ياردىمى بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەتسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمىز. چۈنكى كۆز بىلەن كۆرگەنگە ئىشىنىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر» دېگەن. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» شەرتى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىغا تەكشۈرۈشكە بارسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى چىلىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان مېشېل خانىم 2018-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ زەيىد ھۈسەيىننىڭ ئورنىغا چىققان ھەمدە ئىزچىل تۈردە ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇن ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىكەن. ئەمما ئۇ بۇ تەكلىپكە ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت