ب د ت «2016-يىللىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى» دوكلاتىدا خىتاينى تەنقىدلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بېكىتىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى سانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ ئېچىش تەرەققىيات كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى «خىتاينىڭ 2016-يىللىق ئىنسانىيەت تەرەققىياتى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.
-
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-08-23 -
-
-
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بېكىتىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى سانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ ئېچىش تەرەققىيات كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى «خىتاينىڭ 2016-يىللىق ئىنسانىيەت تەرەققىياتى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ بېيجىڭدا ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە قارىتىلغان سىياسەتتە كەڭ سىياسەت يۈرگۈزۈش، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭمۇ مەنپەئەت ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېڭى بىر جەمئىيەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، ئاۋام پۇقرالارنىڭ جەمئىيەتتە باراۋەرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلىشى قاتارلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىنغان.
دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىشىچە ب د ت نىڭ 2014-يىلىدىكى ستاتىستىكىسىدا خىتاي پۈتكۈل يەر شارى بويىچە تەكشۈرۈلگەن دۆلەتلەر ئىچىدە 90-بولۇپ تىزىلىپ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەمما، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشى، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر سەۋىيىسىگە يېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماستىن، بەلكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماسلىشىشى، پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش، مائارىپ جەھەتلەردىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى بىردەكلىككە كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتايدا ھەرقانداق ئىشقا مەركىزى ھۆكۈمەت قارار بېرىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، پۇقرالار سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمايدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىش، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرگە زور ئېتىبار بېرىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئاۋام پۇقرا ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرگىمۇ پۇرسەت بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.