ب د ت مۇتەخەسسىسى خىتايدىكى تەكشۈرۈشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ب د ت نىڭ نامراتلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىگە مەسئۇل مۇتەخەسسىسى فىلىپ ئالستون 15-ئاۋغۇستتىن 23-ئاۋغۇستقا قەدەر خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ب د ت نىڭ نامراتلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىگە مەسئۇل مۇتەخەسسىسى فىلىپ ئالستون 15-ئاۋغۇستتىن 23-ئاۋغۇستقا قەدەر خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئۇ تۈنۈگۈنكى خۇلاسە باياناتىدا، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنىڭ نورمال خىزمەت تەرتىپىگە توسالغۇلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ مىسال سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ خىتاي تەرەپتىن بىر تۈركۈم ئىلمىي خادىملار بىلەن ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ تەلەپ قىلىنغان ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئىلمىي خادىملارنىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ۋە تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى فىلپ ئالستوننىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدىنى رەت قىلىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەرگۈسى كەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فىلىپ ئالستون باياناتىدا خىتاينىڭ پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتا ئىنكاس بويىچە ئەمەس، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا بۇيرۇق بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، يەنى پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكەتتىكى مىخانىزمدا مەسىلە بارلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ چوقۇم بۇندىن كېيىن خىتاي جەمئىيىتىدە بىر ئىسيان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org