ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتاينىڭ قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان بومبا ھۇجۇمىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.09.02

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەيشەنبە كۈنى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇچرىغان بومبا ھۇجۇمىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، بومبا ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغۇچى، تەشكىللىگۈچى ۋە ئىقتىسادى ياردەم قىلغۇچىلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان.

30-‏-ئاۋغۇست بىر مىنىبۇس بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ پارتلىغان. ۋەقەدە ھۇجۇمچى ئۆلۈپ، ئاز دېگەندە 3 ئادەم يارىلانغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن بەزى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا ئارتقان. ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ قىرغىزىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى، سىياسىي ئاكتىپلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2001‏-يىلى «11 ‏-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۆزىنىڭ ب د ت دىكى كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ش ت ئىسلام پارتىيىسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ب د ت نىڭ بۇ قارارىدىن پايدىلىنىپ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى ۋە دىنىي زاتلىرىنى باستۇرغاندىن سىرت، قانۇنلۇق ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مائارىپ ساھەلىرىدىن سىقىپ چىقارغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت جۈمە كۈنى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما « ب د ت نى خىتايغا ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان ھەرقانداق باھانە يارىتىپ بەرمەسلىككە چاقىرىمىز» دېدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەيشەنبە كۈنى چىقارغان قارارىدا، « ھەر قانداق تېررورلۇق جىنايەت، ئۇنى ئاقلاشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ قانداق مەقسەتتە، قەيەردە ۋە قاچان يۈز بېرىشىدىن، كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.