ب د ت يىغىنىدا خىتاينىڭ تەنقىدكە ئۇچرىشى تەخمىن قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا 11-سېنتەبىردە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى مۇزاكىرە رەسمىي باشلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە لاگېرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەسىلىسى بويىچە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بىرنەچچە قۇتۇپقا بۆلۈنگەن ئىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق بىر تۈركۈم ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇۋالغاچقا، بۇ قېتىمقى ب د ت مۇزاكىرىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە تەنقىدكە ئۇچرىشى ئوخشىمىغان شەكىللەردە تەخمىن قىلىنماقتا.

بۈگۈنكى تۇنجى كۈنلۈك يىغىن ئاخىرلاشقاندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل بەچېلوتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخى تىلغا ئالمىغانلىقى مەلۇم بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت