خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ۋەكىلى مەزكۇر كېڭەشنى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى «كۆزدىن كەچۈرۈشكە» چاقىرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.11.11

11-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ۋەكىلىنىڭ ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى «كۆزدىن كەچۈرۈش» ھەققىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە مۇراجىئەت قىلغان ۋىدىيوسى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر خادىم بۇ ۋىدىيودا ئامېرىكا جەمئىيىتىدە قانۇن بىلەن قوغدىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇققا كۆز يۇمۇپ، ئىجرائاتتا كۆرۈلگەن بەزى خاتالىقلارنى تۇتىۋېلىپ: «ئامېرىكادا قارا تەنلىكلەرنى كەمسىتىش بار، كۆچمەنلەر ۋە باشقا دىندىكىلەرنى يەكلەش بار، ساقچىلاردا زوراۋانلىق بار» دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى «كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش» دەپ ئەيبلىگەن ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بۇ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا دۇنيا بويىچە رېكورت ياراتقان خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىشى ناھايىتى كۈلكىلىك ئىش بولۇپ، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقتا ئۇچىغا چىققانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.