كانادا ئۆكتىچى پارتىيەسى كانادانىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىسىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان
كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە-كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئوتۇل كانادا باش مىنىستىرى تېرۇدېئوغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغان خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا كانادانىڭ تەنتەربىيەچى ئەۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-07 -
-
-
كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە-كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئوتۇل كانادا باش مىنىستىرى تېرۇدېئوغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغان خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا كانادانىڭ تەنتەربىيەچى ئەۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.
ئېرىن ئوتۇلنىڭ ئېيتىشىچە، تېرۇدېئو G-7 دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا خىتايغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرىشى، شۇنداقلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن. G-7 دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېرىن ئوتۇل بۇ خەتنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ تېرۇدېئونىڭ «باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا سەھنىسىدە 2022-يىللىق قىشلىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشكە چاقىرىشىنى سورايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، كانادا پۇقراسى مايكېل كوۋرىگ بىلەن مايكېل سپاۋور داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەھۋالدا، كانادا ئۆزىنىڭ تەنتەربىيەچىلىرىنى خىتايغا ئەۋەتمەسلىكى كېرەك.»
ئېرىن ئوتۇل يەنە ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، G-7 دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىكەن. پرېزىدېنت بايدېننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى دالېپ سىنگ بۇ يىل 4-ئايدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ يىغىندا كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.