ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا ھەمراھ ئىزدىمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەركىتى ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي ئويلىشىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-06-08 -
-
-
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەركىتى ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي ئويلىشىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. 7-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«جۇمھۇرىيەت دۇنياسى» گېزىتىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئولىمپىك مەسىلىسىدە بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئورتاق كۆزقاراشقا كېلىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈش ئۆز ئالدىمىزغا ئىش كۆرۈشتىن كۆپ ئۈنۈملۈك» دېگەن.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىدى. نۆۋەتتە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە سالماقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆتكەن ئايدىلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «دۆلەت رەھبەرلىرى خىتايغا بېرىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە شەرەپ قۇچۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسە بولمايدۇ» دېگەن ئىدى. نۆۋەتتە ھەر ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرى بىردەك «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختاتمايدىكەن، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئورنىنى باشقا جايغا ئۆزگەرتىش لازىم» دېگەن مەزمۇندا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلەتمەكتە ئىكەن.