بېيجىڭدا تەشۋىقات ئۇسسۇلىغا سېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرى «ئەڭ ئالىي مۇكاپات» قا ئېرىشكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.19

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قەشقەردە ئۇيۇشتۇرغان «چاغان كېچىلىكى» سەھنىسىدە ئۇسسۇل ئويناپ چىققان كىنو ئارتىسى دىلرەبا خىتاي تاماشىبىنلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ، «گۈزەل ماكان شىنجاڭ» تېمىسىدىكى تەشۋىقاتنىڭ داغدۇغىسىنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خىتاي مەدەنىيەت تارماقلىرى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نىڭ تەشۋىقاتتىكى رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 16-فېۋرال كۈنى چىقارغان سۈرەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر توپ تالانتلىق ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن «مەملىكەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسى» غا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇسابىقىدە «ئەڭ ئالىي مۇكاپات» قا ئېرىشكەن. ئۇلار يەنە بېيجىڭدىكى خان سارىيى، سەددىچىن سېپىلى، پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق نۇقتىلاردا ئۇسسۇل ئويناپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بۇ خەۋەردە، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تامامەن «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىم ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەتنىڭ نامىدىن چىقىرىپ تاشلانغان؛ ئاندىن «شىنجاڭ ئۇسسۇلى شىنجاڭدىكى مۇھىم مەدەنىيەت تۈرى، ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىدۇ» دېيىلگەن.

يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بەختلىك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇسسۇلغا سېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ خىتاينىڭ 15 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ مېۋىسى، «ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى» نىڭ نامايەندىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى، ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا، 800 مىڭدىن 1 مىليونغىچە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپتە خىتاي تىلى ۋە خىتايچە ئاڭدا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.