2000 غا يېقىن ئەرزدار بېيجىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىنى قورشىۋالدى


رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 31 - ئىيۇل جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2000 غا يېقىن ئەرزدار بېيجىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىنى قورشىۋالغان. ساقچىلار شاڭخەيدىن كەلگەن بىر ئايال ئەرزدارنىڭ بېلىگە پارتلاتقۇچ تېڭىپ، قولىغا بېنزىن بوتۇلكىسى ئېلىۋالغىنىنى بايقىغاندىن كېيىن، زور تۈركۈمدە ساقچىلار ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئەۋەتىپ تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار شاڭخەيدىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق ئەرزدارنى ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانى قىلغان.

نەق مەيداندىكى ئەرزدارلاردىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ليۇ خۇا ئەپەندى ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، «تۈنۈگۈن 30 - ئىيۇل كېچە سائەت 9 لاردىلا 20 نەچچە ساقچى ئاپتوموبىلى بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئەرزدارلار يىغىلىشتىن ئىلگىرىلا ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدىكى كوچىلارنىمۇ قورشىۋالدى. بۈگۈن جۈمە كۈنى ئەتىگەن شاڭخەيلىك ئايال ئەرزدارنىڭ يېنىدىن پارتلاتقۇچ بومبا تېپىلغاندىن كېيىن، يەنە 60تىن ئارتۇق ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە ساقچىلار كەلدى. ئۇلار ھازىر شاڭخەيلىك ئەرزدارلارنى كۆرسىلا تۇتقۇن قىلماقتا» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ھەر ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرىقى جۈمە كۈنى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئەرزدارلار بېيجىڭدىكى ئەرزىيەت ئىدارىسى ۋە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئەرزلىرىنى جامائەتكە سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشقا ئۇرۇنغان. ئىلگىرى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىمۇ خىتاي ئەرزدارلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مەيدانغا يىغىلغانلىقىنى ۋە ئۆز ئەھۋاللىرىنى بۇ مەيدانغا كەلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.