بېلگىيە ھۆكۈمەت تورىنى تەمىنلىگۈچى شىركەت كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-04
Share

بېلگىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا بېلگىيە ھۆكۈمەت تورىنى تەمىنلىگۈچى شىركەت كەڭ دائىرىلىك DDoS (تارقاق شەكىللىك تور مۇلازىمىتىنى رەت قىلىش) ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بارلىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرى بىكار قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىمۇ بار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تور ھۇجۇمى Belnet تورىغا قىلىنغان كەڭ كۆلەملىك خاككېرلىق ھۇجۇمى بولۇپ، ئۈچىنچى تەرەپ بۇ تورغا زور مىقداردا سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاپ، مۇلازىمېتىر يۈكىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئېشىپ كېتىشى ۋە شۇ سەۋەبتىن تورنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە Belnet تورىغا ئۇلانغان 200 نەچچە ئورگاننىڭ تورى ناھايىتى ئاستىلاپ كەتكەن، ھەتتا كىرگىلى بولمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىيەت، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تورى بار ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، بۇ تور ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن كېلەر سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بېلگىيە ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن بىكار قىلىنغان. بۇ يىغىن مەزكۇر پارلامېنت تاشقىي مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن بۇ يىغىن توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كېلەر سەيشەنبە كۈنى تور ئارقىلىق كۆرۈشۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت