بېلگىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-06-15
Share
بېلگىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى بېلگىيە پارلامېنتى ئالدىغا ئېسىلغان بېلگىيە بايرىقى. 2016-يىلى 24-مارت، بىريۇسسېل.
REUTERS

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆتۈرۈلگەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان بېلگىيە پارلامېنتىمۇ بۇنىڭغا رەسمىي ئاۋاز قوشتى. 15-ئىيۇن كۈنى بېلگىيە پارلامېنتى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەمدە «ئېغىر قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان دۇنيادىكى ئالتىنچى پارلامېنت بولۇپ قالدى.

مەزكۇر ئېتىراپ ھەرىكىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بېلگىيە پارلامېنتىنى خىتاي بىلەن ئىمزالىغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى بىكار قىلىشقا ھەمدە ئاللىقاچان توڭلىتىۋېتىلگەن «ياۋروپا-خىتاي ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نى قايتا قاراپ چىقىش ئۇرۇنۇشىنى توختىتىشقا چاقىردى.

«فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىش لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق بېلگىيە پارلامېنتىغا قاراشلىق تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىنلا باشلانغان. بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قارارنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ھال ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ھەققانىي ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشىغا جانلىق رەۋىشتە تۈرتكە بولغۇسى» دېگەن.

بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن سامۇئېل كوگولاتى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ؛ «دۇنيا ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇسىنى ئېچىشقا باشلىدى» دېگەن.

ئۆتكەن ھەپتە چېخ پارلامېنتى 0 گە قارشى 38 ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن تارىخىي ھۆكۈمنى ماقۇللىغانىدى. نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى قارارلارنى ئېلىشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت