بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن بىر ئائىلە 5 ئۇيغۇر غايىب بولغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلدى. شۇنداقلا بېلگىيە ھۆكۈمىتىگە خەلقئارا جەمئىيەتتىن زور بېسىم بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى 20-ئىيۇن كۈنى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، 20-ئىيۇن كۈنى بېلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، غايىب بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى ۋە تۆت پەرزەنتى بېلگىيە ئەلچىخانىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غايىب بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەدىلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «پائالىيىتىمىزنىڭ نىشانى ئۆزگەردى. بىز ھازىر ئۇلارنىڭ كەم بولۇۋاتقان ھۆججەتلىرىنى تولۇقلاش ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمىز،» دېگەن.
مۇشۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.
