بېلگىيە دائىرىلىرى: «بىز كىچىك دۆلەت، ئۇيغۇرلارنى دەپ خىتاينىڭ چىشىغا تېگەلمەيمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-14
Share

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى خىتاي ساقچىلىرىغا تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاقلاپ، بېلگىيەنىڭ كىچىك دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى دەپ خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى بېلگىيەدە سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشكەن ئابلىمىت تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئايالى بىلەن 4 پەرزەنتىنى بېلگىيەگە تەكلىپ قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا كۆچمەنلەر ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بارغاندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بېلگىيە ئەلچىخانىسى ئابلىمىتنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئەلچىخانىدا قوغدىنىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى خىتاي ساقچىلىرىغا خەۋەر قىلغان. بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنىدى.

بېلگىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋانېسسا فرانگىۋېل ۋە رۇنې ستېنبېرگلارنىڭ 14‏-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى ئابلىمىت تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئايالى ھۆرىيەتگۈل ئابلانىڭ بېلگىيەنىڭ مەمۇرىي رەسمىيەتلىرىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقى، ئۇنىڭ ئەلچىخانىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلىپ، ئەلچىخانىنىڭ ئامالسىز ساقچى چاقىرتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەسىلىسىنى دىپلوماتىك كۈنتەرتىپكە ئېلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. شۇنىڭدەك يەنە بېلگىيەنىڭ «بۇ ئىشقا ئاشكارا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى خىتايغا ئېغىر بېسىم قىلىدىغانلىقى»، «بۇ ۋەقەنى خىتاي بىلەن بولغان توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇشتىن ساقلىنىشنىڭ بېلگىيەدەك كىچىك دۆلەت ئۈچۈن ئاقىلانە بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشى، ھۆرىيەتگۈل ئابلانىڭ ۋەقەسىدە كۆرۈلگەندەك بۇ خىل ھاماقەتلىك ۋە رەھىمسىزلىكنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئايالى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت