بېنگال داككادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 20 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن بېنگال پايتەختى داككا شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 20 ئادەم تېررورچىلارنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلدى، 13 ئادەم قۇتۇلدۇرۇلدى. ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتى ۋەقەنى ئۆزى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۈمە كۈنى ئىپتار ۋاقتى بىلەن قوراللانغان بىر توپ كىشىلەر ھولەي تائاملىرى رېستورانغا بېسىپ كىرىپ رېستوراندا غىزالىنىۋاتقان خېرىدارلارنى قارا - قويۇق ئوققا تۇتقان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

بۇ رېستوران كۆپىنچە ھاللاردا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر تاماق يەيدىغان ئاشخانىلاردىن بىرى ئىكەن.

ئۇلار كىرگەندە بەزى خېرىدارلار ۋە رېستوران خادىملىرى قېچىپ كېتەلىگەن بولسىمۇ، بەزىلىرى ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان.

گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 11 سائەتتىن كېيىن، يەنى شەنبە كۈنى ئەتىگە سائەت 7:40 تا بېنگال قوراللىق قىسىملىرى رېستورانغا بېسىپ كىرگەن.

بېنگال ھەربىي برىگادا گېنېرالى نائىم ئەسرەف چوۋدھۇرينىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، «چاقماق ئوپېراتسىيەسى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتكە بېنگال دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، ساقچى قىسىم ۋە چېگرا قوغداش قىسىملىرى بىرلىكتە قاتناشقان. بېسىپ كېرىش ھەرىكىتىنى ھاۋا ئارمىيىنىڭ تىز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى ئېلىپ بارغان، ھەرىكەت 13 مىنۇت ئەتراپىدا تاماملانغان.

بېنگال قوراللىق قىسىملىرى قوراللىق تېررورچىلاردىن 6 نەپىرى ئۆلتۈرگەن، بىر نەپىرىنى تېرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، تېررورچىلار ھۆكۈمەت قىسىملىرى بېسىپ كىرگۈچە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ 20 نەپىرىنى ئۆلتۈرۈپ بولغان ئىكەن.

چوۋدھۇري مۇنداق دېدى: ھەرىكەتتىن كېيىن بىز 20 نەپەر ئۆلتۈرۈلگەن گۆرۈگە ئېلىنغۇچىنى تاپتۇق. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈنۈگۈن كەچتە ئىتتىك تىغلىق ئەسۋاب بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن.

يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە يەنە ئىككى نەپەر ساقچى خادىمىمۇ قازا قىلغان.

ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندە 9 نەپەر ئىتالىيە پۇقراسى، 7 نەپەر ياپونىيە پۇقراسى، 3 نەپەر بېنگال پۇقراسى، بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى ۋە بىر نەپەر ھىندىستان پۇقراسى بار ئىكەن.

بېنگال باش مىنىستىرى شەيخ ھەسسىنە خانىم ۋەقەدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا: «بۇ تېررورچىلارنىڭ دېنى يوق» دېدى ۋە ئۇلارنىڭ بېنگال تىنچلىقىنى بۇزغانلىقىنى، ئۇلارغا بېنگالدا ئورۇن يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقەدە، بېنگالدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بېنگالدا بىر قىسىم تور يازغۇچىلىرى، ئەركىن پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەر، چەتئەللىكلەر دىنىي مەسىلىدىكى مەيدانى سەۋەبلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر ھۇجۇملار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى باشلىقىنىڭ ئايالى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بېنگال دائىرىلىرى 3 مىڭدىن ئارتۇق گۇماندارنى قولغا ئالغان ۋە بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىي گۇرۇپىلارغا باغانلانغان كىشلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ قېتىمى ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەمىىسى بېنگاللىق كىشلەر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت