ئۆتكەن شەنبە كۈنى بېيجىڭ ئايروپورتىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشقا ئۇرۇنغان پالەچ كىشى ئەسلى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان كىشى ئىكەن.
پارتلاش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ئاخباراتلىرىدا، جى جوڭشىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئەرنىڭ ئۆيىدە ياسىغان بومبىنى بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومى 3-ئۇچۇش زالىدا پارتلاتقانلىقى ۋە ئۆزىمۇ پارتلاشتا يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە بۇ بومبىنى پارتلاتقانلىقى كۆرسىتىلمىگەن ئىدى.
«ۋول سترىت ژۇرنىلى» دا خەۋەر قىلىنىشىچە، جى جوڭشىڭ 2005-يىلى دوڭگۇەن شەھىرىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ۋە پالەچ بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ شۇندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېتەرلىك تۆلەم بەرمىگەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ كۆپ دەۋا قىلغان، ئەمما دەۋاسىنى ئاقتۇرالمىغان.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم چىقمىغاندىن كېيىن، ئۇ بېيجىڭ ئايروپورتىغا بېرىپ بومبىنىڭ پىلتىسىنى تارتقان.
«ۋول سترىت گېزىتى» دە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى خىتايدىكى ئادالەتسىزلىك، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشى قاتارلىق خاھىشلارنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.