خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار تۇتقۇن قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-10-02
Share

رادىئومىز نىڭ ئىگىلىشىچە، 1-ئۆكتەبىر يەنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى تيەنئەنمېن ئەتراپىغا يىغىلغان 300 دەك ئەرزدار تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئەرزدارلاردىن شاڭخەيلىك خۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-ئۆكتەبىر ئەتىگەن ئۇ ئالدىن كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئەرز قىلىش ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى جۇڭنەنخەيگە كەلگەن. ئۇ، بۇ يەردە يىغىلغان ئەرزدارلارنىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن. لېكىن بىر ئازدىن كېيىنلا نەچچە يۈزلىگەن ساقچى يېتىپ كېلىپ ئەرزدارلارنى تارقىتىۋەتكەن. ساقچىلار 300 دەك ئەرزدارنى تۇتقۇن قىلىپ، ساقچى ئاپتوموبىللىرىدا ئەرزدارلارنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ كەتكەن.

خۇ ئەپەندى يەنە، يىللاردىن بۇيان ئىشى ھەل بولماي كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئەرزدارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە قارىماي، مۇخبىرلارنى بولۇپمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق ۋ جامائەت پىكرى توپلاش ئۈمىدىدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا ئوخشاش مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە بىر جايغا يىغىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىلگىرى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلارمۇ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىت ۋە زوراۋانلىقلىرىغا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت