گرېتسىيە سوتى ئولىمپىك تېغىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشىلىق قىلغان پائالىيەتچىلەرنى «گۇناھسىز» دەپ ئېلان قىلغان

گرېتسىيەنىڭ ئافىنا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 17-نويابىر كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، 2021-يىلى گرېتسىيەنىڭ ئولىمپىك تېغىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىدا ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلغان 3 نەپەر پائالىيەتچىنى گۇناھسىز، دەپ ئېلان قىلغان.

ئەينى چاغدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر ئافىنادا ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە مەشئەل يېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتتە ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر تىبەت، بىر خوڭكوڭلۇق ۋە بىر ۋېيتناملىق پائالىيەتچى ئولىمپىك تېغىدىكى ئاكروپولىس قەدىمى شەھەر خارابىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تىبەت بىلەن خوڭكوڭ بايرىقىنى چىقىرىپ، «تىبەتكە ئەركىنلىك»،«بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلايلى» دەپ شۇئار توۋلىغان.

پائالىيەتچىلەر دەرھال مۇراسىم مەيدانىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «تارىخىي يادىكارلىقنى بۇلغاش، بۇزۇش ۋە بۇرمىلاش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىپ، خەلقئارانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دېرىكتورى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ ئافىناغا بېرىپ، باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە بىر مېھانخانىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن. لېكىن ئاخبارات يىغىنى گرېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچراپ، پائالىەتچىلەر مېھمانخانىغا قامىلىپ قالغان ئىدى.

«مۇھاجىرەتتىكى ئادالەت» ناملىق ئەنگىلىيە ئادۋوكاتلار تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى پائالىيەتچىلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئافىنا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى پائالىيەتچىلەرگە قارىتىلغان ئەيىبلەشتە ئۇلارنى «گۇناھسىز» دەپ جاكارلاشنى قارار قىلغان.

«مۇھاجىرەتتىكى ئادالەت» تەشكىلاتى 17-نويابىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سوتنىڭ قارارى خىتاي ۋە خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ دىتىغا ياقمىسىمۇ، بىراق بۇ قانۇنلۇق دېموكراتىك ئەللەردە تىنچ نامايىش ۋە يىغىلىشلارغا يول قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.