پرېزىدېنت بايدېن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋاشارى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا پرېزىدنېتى جوۋ بايدېن يېقىندا ئامېرىكا ئ‍ۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋاشارى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايدىغنالىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھاۋاشارى جاسۇسلۇققا ئىشلىتىلىدىكەن. ئامېرىكا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ئامېرىكانىڭ ئالياسكا شتاتىدىن ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن بىر خىتاي جاسۇسلۇق شارىنى 4-فېۋرال كۈنى شىمالىي كارولىنا شتاتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغىقىدا ئېتىپ چۈشۈرگەن، شۇنداقلا ھاۋاشارىنىڭ قالدۇقلىرىنى دېڭىزدىن سۈزۈپ چىققان.

خىتاي، ھاۋاشارىنىڭ پۇقراۋى ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ خىتاي ھاۋاشارىنىڭ جاسۇسلۇق ھاۋاشارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پرېزىدېنت بايدېن 17-فېۋرال ئاقسارايدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا ئ‍وخشاش ئۇچار جىسىملارغا قارىتا كۆزىتىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋاشارىدىن كېيىن شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن قالغان 3 ئۇچار جىسىمنىڭ چەت ئەل جاسۇسلۇق ئۇچار جىسىمى بولۇشى ناتايىن ئىكەن. پرېزىدېنت بايدېن يەنە ئۆزىنىڭ پات يېقىندا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن بۇ ۋەقە توغرىسىدا سۆزلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. BBC نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ: «مەن بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىگە يېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما مەن ھاۋاشارىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايمەن» دېگەن.

پرېزىدېنت بايدېن يەنە خىتاي ھاۋاشارىنىڭ جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا داۋاملىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان شۇنداقلا «بىز يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى قوغلاشمايمىز» دېگەن.