ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 24-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيەگە قارىتا يېڭى جازا تەدبىرلىرىنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پرېزىدېنت بايدېن روسىيە ئۇكرائىناغا شۇ يەر ۋاقتى پەيشەنبە سەھەردە ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، ئاقسارايدىن قىلغان تۇنجى نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن: «پۇتىن تاجاۋۇزچىدۇر، بۇ ئۇرۇشنى پۇتىن تاللىدى. شۇڭا ئۇ ۋە ئۇنىڭ دۆلىتى بارلىق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك».
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن ئېلان قىلغان يېڭى جازا تەدبىرلىرى روسىيە بانكىسى قاتارلىق 4 بانكىنى جازالاش، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىلىش، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە سالىدىغان مەبلەغلىرىنى توختىتىش، يەنىمۇ كۆپلىگەن روس ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى قويۇش ۋە پەن-تېخنىكا چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە بۇ جازا تەدبىرىنىڭ روسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي سانائىتىگە ئېغىر زەربە بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بايدېن يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قىسىملىرىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا يېڭىۋاشتىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
روسىيە قىسىملىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي پەيشەنبە كۈنى سەھەردە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى. رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىي تەرەپلەردىن چېگرادىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى، پايتەخت كىيېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە شەھەرلەردە پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان بۇ ھۇجۇمى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى تەرىپىدىن «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ قارالغان ۋە قاتتىق ئەيىبلەنگەن. ئەمما مۇشۇنداق بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ روسىيەنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتىنى «تاجاۋۇز» ياكى «ئىشغال» دەپ ئاتىماسلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 24-فېۋرال كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «بىز بۇنىڭغا دەرھال باھا بەرمەيمىز. خىتاي ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. . . تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىغا كەلسەك، مېنىڭچە، بىز ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قانداق قارىشىمىز كېرەكلىكىنى باھالىشىمىز كېرەك. ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسىمۇ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ باشقا ئىنتايىن مۇرەككەپ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار،» دېگەن. ئۇ ھەتتا روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىشىدە ئامېرىكانىڭ «گۇناھى» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ بۇ پوزىتسىيەسى قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە. نۇرغۇن تەھىلىلچىلەر خىتاينىڭ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» بۈگۈنكى بىر ماقالىسىدە، خىتاينىڭ روسىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قارىتىدىغان كەلگۈسى ئىقتىسادىي جازالىرىغا قارشى قوغداشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.