جوۋ بايدېن «رۇسىيە G-20 دۆلەتلىرى گەۋدىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك» دېگەن
2022.03.24
24-مارت كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيتىگە ئالاقىدار جىددىي يىغىنىغا قاتناشقان. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن سۆزىدە: «ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنادا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال ئىشلەتسە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇنىڭغا تەڭ قەدەمدە جاۋاب قايتۇرىدۇ،» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
جوۋ بايدېن بېريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى، G-7 دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر قاتار جىددىي ئۇچرىشىشلاردا بولغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بۇ ئۇچرىشىشلاردا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ G-20 دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ تىرىشچانلىقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئامېرىكانىڭ مەيدانى رۇسىيەنىڭ G-20 دىن چىقىرىۋېتىلىشىگە قارشى بولغان خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىدىكەن.
جوۋ بايدېن شۇ كۈنى مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم قىلغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكالىق ئۈسكۈنىلىرىنى رۇسىيەگە سېتىۋەتكەنلىكىگە ئائىت پاكىت بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.
بايدېن سۆزىدە: «مېنىڭچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كەلگۈسىنىڭ رۇسىيەگە قارىغاندا غەرب بىلەن تېخىمۇ قويۇقلىقىنى چۈشىنىدۇ،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇچرىشىشلاردا رۇسىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئېھتىمالىغا قارشى تەدبىرلەر بەلگىلەنگەن بولۇپ، NATO نىڭ باش سېكرېتارى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يېقىندا ئۇكرائىنانى خىمىيەلىك، بىئولوگىيەلىك، رادىئولوگىيەلىك، شۇنداقلا يادرو قوراللىرىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ،» دېگەن.