بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-08-06
Share

ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە 750 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان. ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى خىتاينى تېخىمۇ بىئارام قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇنىڭ بىلەن خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ‍ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 4-ئاۋغۇست كۈنى مەزكۇر پىلانىنى دۆلەت مەجلىسىگە رەسمىي ئۇقتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سودا M109A6 تىپلىق 40 تانە زەمبىرەك سېتىپ بېرىشنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، «ئەگەر بۇ سودا خۇلاسىلەنسە بۇ تەيۋەن زەمبىرەكچى قىسىملىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ‍ئۆزىنى قوغداپ، ھازىرقى ۋە كەلگۈسى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر قورال سودىسىنى تەستىقلىشىدا گەپ يوق ئىكەن. ۋەقەدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ س ن ن گە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى روبېرت مېنەندەزنىڭ بۇ سودىنى «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىتتىپاقدىشى تەيۋەننى قوغداش ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي بولسا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا قارىتا «ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ، مۇۋاپىق ۋە زۆرۈر تەدبىرلەر» نى ئالىدىغانلىقى، بۇ سودىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىلچى كۈچلىرى» گە خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى، «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قوراللارنى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش خەۋپى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت