پرېزىدېنت بايدېن خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن
2021.09.08
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن خىتاينىڭ 15-ئاۋغۇستتىن بېرى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان تالىبانلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن بۇ سۆزلەرنى 7-سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرى تەرىپىدىن چەكلەشكە ئۇچرىغان تالىبانلارغا مەبلەغ سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئېيتقان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن رېئال مەسىلىسى مەۋجۇت. شۇڭا خىتاينىڭ خۇددى پاكىستان، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلار قىلغاندەك، تالىبانلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.»
ئامېرىكا 14-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئەگەر تالىبانلار ئۇيغۇرلارنى قوللىمىسا، ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقى، ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تالىبانلار دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغانلىقى، ھەرقانداق چەت ئەل تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلىپ باشقا دۆلەتكە قارشى تۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكالىغان ئىدى.
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىش بىلەن بىر ۋاقتتا، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ تالىبانلارغا قاراتقان ھەركىتىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ نيۇ-يورك فېدىرال خەزىنەسىدىكى تاشقىي پېرىۋۇتىنى توڭلىتىپ، بۇنى ئۇلارغا بېرىش-بەرمەسلىكنى تالىبانلارنىڭ ئاياللار ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىش-قىلماسلىقىغا باغلىغان ئىدى. بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇتەخەسىسسلەر ئەگەر خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر تالىبانلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە باشلىسا، بۇ ئامېرىكانىڭ قولىدىكى ئىقتىسادىي كوزېرنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن، دەپ قارايدىكەن.