بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىدا داۋام قىلىۋاتقان 2022-يىللىق قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېن 21-سېنتەبىر كۈنى قۇرۇلتايدا مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ ئۆز نۇتقىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى تەھدىتلىرىنى تەنقىدلىگەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل «بىر خىتاي» سىياسىتى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان توقۇنۇش پەيدا قىلىش كويىدا ئەمەس، ئەكسىچە ئەركىن، ئوچۇق ۋە بىخەتەر بولغان ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىستەيدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئىزچىل بۇنىڭغا قارشى يۆنىلىشتە ئىش كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «كىشىلىك ھوقۇق بىز يەتمەكچى بولغان نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئەمما ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلغۇچىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ب د ت نىڭ دوكلاتىدا بەكمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان» دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھازىر بارغانسېرى يىمىرىلىشكە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ قاتارلىق بىرقىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ خىل يۈزلىنىشنى يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ، دەپ كۆرسەتكەنىدى.