پرېزىدېنت جوۋ بايدېن «يەتتە دۆلەت ئىتتىپاقى» (G7) نى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسنى مۇزاكىرىلىشىشكە چاقىرىدىكەن

«ئەلجەزىرە» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، دۆلەتلىك ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دالىپ سىڭ يېقىندا ئامېرىكانىڭ «يەتتە دۆلەت ئىتتىپاقى» نى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

دالىپ سىڭ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىتتىپاق بىر يولدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقى. بىز ئەمەلىي ۋە كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، غەيرىي ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. يەتتە دۆلەت ئىتتىپاقى بۇ دۇنيادىكى چوڭ مەسىلىلەرنى مۇستەبىت تۈزۈم بىلەن ئەمەس، ئەركىن ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشى كېرەك».

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 6-ئايدا ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن، يىغىندا ئۇنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.

دالىپ سىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «يەتتە دۆلەت ئىتتىپاقى» نى كونكرېت تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىدىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز دېموكراتىك دۆلەتلەردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئورتاق قىممەت قارىشىمىزنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ قىممەت قاراشلىرىمىز شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشكىمۇ ماس كېلىدۇ».