«ئاقساراي تورى» نىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن شۇ كۈنى ئاقساراينىڭ يېڭى تەمىنلەش زەنجىرىنى ياخشىلاش ۋە مال باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كېڭەش چاقىرغان. ئۇ، ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىساد سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە شىركەتلەرنى باھانى ئۆستۈرۈپ، پۇل پاخاللىقىغا سەۋەبچى بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
بايدېن مۇنداق دېگەن: «مال باھاسى تۆۋەنلەپ بەزى ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس. نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلار ئۈچۈن باھا يەنىلا بەك يۇقىرى، كۆپلىگەن ئامېرىكالىق ئائىلىلەر ئۈچۈن بەك مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ.»
بايدېن 30 يېڭىدىن ئوتتۇرىغا ھەرىكەت پىلانى ئىچىدە، ئامېرىكا پۇقرالىرى ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ بېكىتىلگەن دورا ئىشلەپچىقىرىشقا يەنىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوكۇل ئىشلەپچىقىرىدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەخمىنەن 35 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان.
ئۇ، بۇ تەشەببۇسلارنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلاتلارنى ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بايدېن يەنە «ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى 13 دۆلەت» بىلەن يېڭى كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى توسالغۇلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكادا كېلەر يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى، بايدېننىڭ پرېزىدېنتلىققا قايتا سايلىنىش-سايلانماسلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتىكەن. 2022-يىلى 6-ئايدا ئىستېمالدىكى ئۆسۈش 9.1 پىرسەنتكە يەتكەندىن كېيىن، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى 3.2 پىرسەنتكە چۈشكەن ئىدى. ھالبۇكى، پۇل پاخاللىقىدىكى بۇ خىل ئاستىلاش ئامېرىكادا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال تەلىپىنى قاندۇرالمايدىكەن.