پىرېزىدېنت بايدىن ئاقسارايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 27-ئۆكتەبىر (جۈمە كۈنى) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ ۋاڭ يى بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشۈشى، بايدىننىڭ كېلەر ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتا. بۇ كۆرۈشۈش ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن بىر پەيتتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۈزلۈكسىز جىددىيلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرىنى كونترول قىلىش ھەم مۇقىملاشتۇرۇش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك جىددىي ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرىدۇر.

ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە باشقا خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئۈچۈن 26-ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن ۋاڭ يى، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن سۆزلەشكەن ئىدى. ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرۈشۈشتە پىرېزىدېنت بايدىن «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ۋە ئوچۇق ئالاقە لىنىيەسىنى ساقلاش» ، «ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان. پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلىشى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ يەنىلا بىلىنكېن بىلەن ۋاڭ يى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەنىدى.

ئىسرائىيە-خاماس توقۇنۇشى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، تەيۋەن مەسىلىسى، فەنتانىل، جەنۇبىي دېڭىزدىكى پاراخوت سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى قاتارلىقلار سۆھبەت كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم تېمىلار بولسىمۇ، «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ بايدىن ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىشتا «مەيلى شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسۇن، ئىقتىسادى زوراۋانلىق ياكى خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇش مەسىلىسى بولسۇن، كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى» لازىملىقىنى ھەمدە ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. گاللاگېر 26-ئۆكتەبىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، سۆز قىلغاندىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.