بېلگىيە خىتايغا دىپلومات ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-18
Share

12-ئىيۇن رادىيومىزدا بېلگىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ 31-ماي خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئايالى ۋە تۆت پەرزەنتى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەنىدى. 17-ئىيۇن كۈنى بېلگىيەدىكى بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرشۇناس ۋېنېسسا فرانگۋىللې خانىمنىڭ تۋىتتېرغا چاپلىغان ئۇچۇرىدىن بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن دىپلومات ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ۋېنېسسا فرانگۋىللې مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى، خىتاي ساقچىلىرى ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئايالىنىڭ تېلېفونىنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بۈگۈن، يەنى 18-ئىيۇن ئايالى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بېلگىيەدىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى 2018-يىلى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتايدا قالغان ئايالى ۋە تۆت پەرزەنتى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن بېلگىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ پاسپورتىنى بېجىرىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچ بىر نەتىجە بولمىغان. 

28-ماي كۈنى ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئايالى ھۆرىيەت بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا ۋىزا ئىلتىماسى ئۈچۈن كىرىپ، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي يەرلىك خىتاي ساقچىلار بىلەن ئالاقىلەشكەن. 29-ماي كۈنى سەھەرگە ئۇلىشاي دېگەندە خىتاي ساقچىلار بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىدىن ھۆرىيەت ۋە ئۇنىڭ تۆت بالىسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن. 

ئابلىمىت تۇرسۇن بۇ ئەھۋاللارنى بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلار 30-ماي ھۆرىيەت ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى بېيجىڭدىكى مېھمانخانىسىغا ئەكېلىپ قويغان. 31-ماي ھۆرىيەتنىڭ تېلېفونى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ، شۇنىڭدىن بېرى يولدىشى ئابلىمىت تۇرسۇن بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت