بىڭتۇەننىڭ كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تايانچ بازىلىرىغا ئايلانماقتا ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.21

خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» 21-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، 2023-يىل بىڭتۇەن ئورۇنلىرىدا «كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» دا تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تولۇقلىما ياردەم بەرگەن كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئادەم 100 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان.

سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسپىدە تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ نىسبىتى 80 پىرسەنتكە يەتكەن. بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىرىنچى كەسىپ بولغان يېزا ئىگىلىكتىن نۇرغۇن ئادەم كۈچىنى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسىپ بولغان سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسپىگە يۆتكىگەنلىكى بىلىنمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىڭتۇەن كەسىپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى 81 گە يەتكەن بولۇپ، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر 60 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

دوكتور ئادرىيان زېنىز بۇ يىل 14-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» ياكى «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» بىلەن باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى بىلەن «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىگە باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنى يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىن باشقا ساھەگە يۆتكەيدىكەن.

2023-يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى» ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يېزا ئەمگەك كۈچىنى تەربىيىلەش ۋە يۆتكەش نىشانى ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.