خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2-مارت بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2021-يىلى جەمئىيەتتىن 1595 مەمۇر قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۇەن ئورگانلىرىغا 65 نەپەر، شەھەر ۋە رايونلارغا 551 نەپەر، تۈرمە سىستېمىسىغا 100 نەپەر، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش» ئورنىغا 600نەپەر قوبۇل قىلىنىدىكەن.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ۋە لاگېرلارنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان پەيتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرمە سىستېمىسىغا يەنە 100 نەپەر خادىم ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دىققەت قوزغىماقتا.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش» ئورۇنلىرى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بولۇپ، بۇ ئورۇنغا تىزىملاتقانلار ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ۋە رايونلىرىدا بىر يىل تەربىيەلىنىدىكەن. تەربىيەلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى تەرىىپىدىن جەنۇبتىكى شەھەر-رايونلارغا تەقسىملىنىدىكەن.
ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى شەھەر ۋە رايونلاردىكى ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن داۋالاش ۋە تولۇقلىما پۇلىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدىغانلىقى يېزىلغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلىتىماس قىلغۇچىلار جەنۇبتىكى شەھەر ۋە رايونلارغا بېرىشقا دەۋەت قىلىنغان.
رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىتايلار تەمىنلىنىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلار ھەققىدە يوللانمىلار كۆپەيگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونىدىكى ئورۇنلارغا ھەر خىل شەكىلدە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي كونترول ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قاراشماقتا.