بىڭتۇەنلەرگە 13 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كادىر ئىشقا چۈشكەنلىكى مەلۇم بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقىنىڭ يەنە بىر ۋاستىسى ھەرقايسى جايلاردىكى بىڭتۇەنلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ كادىر قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشماقتىكەن.

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەن دائىرىلىرى نۆۋەتتە «غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە ئېلىشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلار تور ئارقىلىق تىزىملىتىپ ئىشقا چۈشۈشكە باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا مۇئاش، ئولتۇراق ئۆي ۋە باشقا جەھەتلەردە كۆپلىگەن ئېتىۋار بېرىش سىياسەتلىرى بولۇپ، ئۇلار نۇقتىلىق ھالدا ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام تەۋەسىدە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. خەۋەرە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ خىلدىكى ئىچكىرىدىن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدا 2003-يىلىدىن بۇيان 13 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كادىر ھەرقايسى بىڭتۇەنلەرگە ئىشقا چۈشۈپ بولغان.

ئانالىزچىلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىنى پىششىق بىلگەن ھالەتتىمۇ ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئەسكەرتىپ «بۇ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت ھەرقاچان قوللىنىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەمۇرىي كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ» دېدى.