بىڭتۇەن ئورگانلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچىيىشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-06-02
Share

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بىڭتۇەن ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ئورگاننىڭ بارغانچە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ «بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىدا، بىڭتۇەننىڭ 1981-يىل ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مەدھىيە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ «شانلىق تارىخى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى» تونۇشتۇرۇلغان. بىڭتۇەن 1954-يىل خىتاي گېنرالى ۋاڭ جېنىنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە «خىتاي خەلقى ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دەپ ئاتالغان. 1975-يىل بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، 1981-يىل ۋاڭ جېنىنىڭ قايتا-قايتا ئىلتىماس سۇنۇشى بىلەن دېڭ شياۋپىڭ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىڭتۇەن بۇرۇنقى بازىلىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت جايلارنى بىر-بىرلەپ يۇتۇۋېلىشقا باشلىغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە يېزا ئىگىلىك بىلەن سانائەت بىرلەشكەن غايەت زور ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي گەۋدىگە ئايلانغان.

ئۆتكەنكى خەۋىرىمىزدە بىڭتۇەننىڭ يەرلىك ئورۇنلار بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ساھەلەردە بىر گەۋدىلىشىشكە قاراپ ماڭغانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەنىدۇق. يېقىندا چىققان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىڭتۇەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىيات ئىشخانىسى» نى ئۆزگەرتىپ، «بىڭتۇەن يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىققان. خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، بۇ ئىدارە بىڭتۇەننىڭ نازارەت دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورنىغا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، بىڭتۇەن يېزىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىكەن، ئاساسلىق ۋەزىپىسى «نامراتلىق قۇتۇلۇش خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى قوغداش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە دائىر كونكرېت خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئىكەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغىچە نەزەر سالغاندا، كوممۇنىست خىتاي ئۇنى ئۇيغۇر رايونىنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى ھېسابلاپ، كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ، چوڭ قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالغا ئېلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، «بىڭتۇەن خالىغاندا دېھقان، خالىغاندا ئەسكەر بولالايدىغان ئالاھىدە قوشۇن بازىسى، چېگرا رايوننى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم قەلئەسى» بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە مەيلى قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر بىڭتۇەننى ساقلاپ قالغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت