خىتاي مەدەنىيىتىنى ئالغا سۈرۈۋاتقان بىڭتۈەن ئالدىنقى يېرىم يىلدا 45 كونا مەھەللىنى ئۆزگەرتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.06

بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مۇقىملىقنى ساقلاش»، «ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش» رولى يىلدىن يىلغا كۈچىيىپ بارماقتا.

«بىڭتۈەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۈەن بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ 500 مىليون مەبلەغ ئاجرىتىپ، 162 شەھەر-بازاردىكى 45 كونا مەھەللە ۋە ئولتۇراق جايلارنى ئۆزگەرتكەن. بۇ خەۋەردە يەنە بىڭتۈەننىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە 6 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن كۆپ مەبلەغ سېلىپ، 441 كونا مەھەللە-رايونلارنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

گەرچە بۇ خەۋەردە، بۇرۇن بىڭتۈەنگە قوشۇۋېلىنغان ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى كونا ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، فېيىسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىقىۋاتقان ۋىدىيولاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ۋە باغ-ۋارانلىرىنىڭ مەجبۇرىي چېقىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېچىنىش بىلەن سۆزلىگەنلىرىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق قورۇ-جايلىرى يېڭىلاپ سېلىنغاندىن كېيىنمۇ كونا ئۆي دەپ قارىلىپ چېقىلىدىكەن ياكى ھۆكۈمەتنىڭ «گۇيخۇا» سىغا توغرا كېلىپ چېقىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۈرگۈزۈۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن تەتقىقاتچىلاردىن دەررېن بايلېر (Darren Byler)، تىموسى گروس (Timothy Grose) ۋە جوئاننا سىمىس (Jo Smith Finley) قاتارلىقلار خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىدىن تارتىپ ئائىلىۋى مەدەنىيىتىگىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئىقتىسادىي كۈچى ھەممىدىن زور، ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىشىش دائىرىسى كەڭ بولغان بىڭتۈەننىڭ مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.