بىڭتۇەن كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىشتا جەمئىيەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
يېقىندا بىڭتۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 2019-يىلى ئۈچ مىڭغا يېقىن كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، بۇلارنى قوبۇل قىلىشتا پۈتۈنلەي جەمئىيەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەر ئالىي مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى لازىم ئىكەن. ھازىرغا قەدەر بىڭتۇەنلەردىكى كەسپىي خادىملارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلار بولۇپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇملۇق بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىشى مەزكۇر كادىرلار قوشۇنىنى تېخىمۇ زورايتىشقا زور دەرىجىدە پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ سىياسىي ئورنىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ۋە ئۇنى ئاتالمىش «ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت» بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئېلشات ھەسەن «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەنلەرگە غايەت زور مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل خىزمەتچى قوبۇل قىلىش بىڭتۇەنلەرنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ دەسلەپكى تەييارلىقى» دېدى.