بىڭتۇەن 2030-يىلىغا بارغاندا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېڭى» سىڭدۈرۈلگەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى 99 پىرسەنتتىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.11.25

ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بالىلارنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېڭى» بويىچە تەربىيەلەش مۇھىم نوقتا قىلىنغان «بالىلار تەرەققىيات پىلانى» نى تونۇشتۇرغان. بىڭتۇەن بۇ پىلان بويىچە 2030-يىلغا بارغاندا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى 99 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«بىڭتۇۋەن خەۋەرلىرى» دە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، بىڭتۇۋەننىڭ «بالىلار تەرەققىيات پىلانى» نى تونۇشتۇرغان. يىغىندا بۇ ھەقتە مۇنۇلار دىيىلگەن:

«بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى ‹بالىلار تەرەققىيات پىلانى› نى تۈزگەندە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئاساسەن، مەسىلىنى نېگىزىدىن ھەل قىلىشنى گەۋدىلەندۈردى. بالىلاردا مۇستەھكەم جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى بەرپا قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سوتسىيالىستىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.»

خەۋەردىن قارىغاندا بىڭتۈەن «2030-يىلغا بارغاندا، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئومۇمىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى 98. 5 پىرسەنتتىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى 99 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مائارىپىغا قاراتقان ھۇجۇمىنىمۇ داۋاملىق كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، بىڭتۇەننىڭ يۇقىرىقى بۇ پىلانىنى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېڭى» نامىدا خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ باھالىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.